首页 · 鸽闻 · 公棚 · 协会 · 俱乐部 · 商城 · 论坛 · 鸽问 · 拍鸽 · 分类 · 鸽业 · 寻鸽 · 播客 · 鸽舍 · APP · 会员区
中国信鸽信息网
中信网
在线铭鸽展售
鸽具用品展售

新疆哈密鸽影天下赛鸽俱乐部2026年规程 维语版


2026-2-6 16:37:47 新疆哈密鸽影天下赛鸽俱乐部   分享

قۇمۇل شەھەرلىك گېيىڭ تيەنشيا مۇسابىقە كەپتىرى كۇلۇبىنىڭ 2026ـ يىللىق كۈزلۈكئۈچ ئۆتكەل مۇسابىقىسى قائىدىلىرى

 

مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 880  يۈەن

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 500-گىچە مۇكاپاتلىنىدۇ

كىچىك كوللېكتىپتا 30-گىچە مۇكاپاتلىنىدۇ

7 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن بۇرۇن ئالدىن بەلگىلەنگەن880  يۈەننى تاپشۇرىسىز، 500-401 غىچە بولغانلار رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ,

401-500 غىچە كىمارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتناشمايدۇ، كەپتەر باققۇچىلار ھەقسىز ئېلىپ كەتسە بولىدۇ

200 كىلومېتېردا قەپەسكە كىرەلمىگەنلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى قايتۇرىلىدۇ.

ھەر قايسى يەككە تۈر مۇسابىقىسىدە ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، مۇكاپات پۇلى %100 تارقىتىلىدۇ.

نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنى: قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىگە 30% كاپالەت پۇلى تاپشۇرىدۇ،  ھەمدە قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىتىن ئۆتىدۇ

ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ قۇمۇل شەھەرلىك گېيىڭ تيەنشيا مۇسابىقە كەپتىرى كۇلۇبى

مۇسابىقىنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇن:شىنجاڭ قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى

 

بىرىنچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى

1.ئومۇمەن بۇ قائىدىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ھەقىقىي نام تۈزۈمى بىلەن قاتنىشىشى كېرەك .كەپتەر تاپشۇرغاندا مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىم -فامىلىسى ( مەسىلەن،1. ئىسىم- فامىلىسى،2. xxxكەپتەرخانا+ ئىسىم -فامىلىسى )نى ئەينەن تولدۇرۇش كېرەك، مۇكاپات پۇلىنى كىملىك، پۇل پېرېۋوت دوكۇمېنتىغا ئاساسەن ئېلىش كېرەك.

2.مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر چوقۇم 60 كۈن ئىچىدىكى ساغلام بولغان باچكا بولۇشى كېرەك، ئومۇمەن ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلسە قوبۇل قىلىنمايدۇ .كۇلۇب مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەرگە بىر تۇتاش ۋاكسىنا ئەملەيدۇ، ئەگەر مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەر ئۆز ئالدىغا ۋاكسىنا ئەملىگەن بولسا، كەپتەر تاپشۇرغاندا چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ.

3.دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر چوقۇم جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى بىر تۇتاش تارقاتقان 2026- يىللىق مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن پۇت ھالقىسىنى تاقىشى كېرەك، ساختا ھالقابىردەك رەت قىلىنىدۇ، رېپىر ساختا ھالقا دەپ بېكىتكەن ھامان مۇسابىقىگەقاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، مۇسابىقە كەپتىرىنى كۇلۇب ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ، قايتۇرۇپ بېرىلمەيدۇ .چېگرا سىرتىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدىكى تەلەپ بويىچە بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىدۇ.

4.كەپتەر باققۇچىلار باچكىنى كۇلۇبقا تاپشۇرغاندىن كېيىن، بۇ قائىدە ئىككى تەرەپ توختامى بولۇپ، دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئىككى تەرەپ چوقۇم توختام ماددىلىرىغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى، كەپتەر تاپشۇرۇش ۋاقتى، ئورنى ۋە پۇل تۆلەش ئۇسۇلى

1.   ھەر بىر كەپتەردىن880 يۈئەن (  200 يۈئەن بېقىش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئېلىنىدۇ.

2.   مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ يۇل مەشىقى100 كىلومېتىرغا يەتكەندە، قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى رېپىرلار گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، لاپاسنى تەكشۇرۇدۇ ھەمدە كەپتەرلىرىنى قۇلدا تۇتۇپ سىكاننېرلايدۇ، تەكشۇرۇش سانلىق مەلۇماتلىرنى بېسىپ چىقىرىدۇ، نازارەت قىلىدۇ ھەمدە تورغا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر باققۇچىلار لاپاسنى تەكشۇرۇش تىزىملىكى بويىچە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئوخشاش بىر نامىدىكى بارلىق مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى(  880 يۈئەن ) نى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ. كېيىنكى مەزگىلدە ئۇۋىغا قايتىدىغانلارغا كەپتەر كۇلۇبى كەپتەر ئىگىسىگە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرىدۇ، ھەق ئېلىشتا ئۇۋىغا قايتىش تىزىملىكى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، مەسىلەن، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە پۇل تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسە، كەپتەر ئىگىسى مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ ( قەپەسكە سېلىنمايدۇ، سېتىلمايدۇ ) مەزكۇر كۇلۇب مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەق تاپشۇرمىغان كەپتەرنى ھەرقانداق بىر تەرەپ قىلىشقا ھەمدە تۆلەم بەرمەسلىككە ھوقۇقلۇق.

3.   100كىلومېتىرلىق مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ بەدەن ساپاسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇسابىقە كەپتەرلىرىگە نورمال ئۆيدە ئۇچۇش مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ،

200كىلومېتىرلىق مۇسابىقىغىچە ئەگەر قەپەزگە چىقمىسا، بۇ مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. 200كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدىن كېيىن، مۇسابىقە كەپتىرى يەنىلا نورمال ئۆيدە ئۇچۇش مەشىقى قىلىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئەگەر مۇسابىقە كەپتىرى يوقاپ كېتىپ 300،500 كىلومېتىرلىق كەپتەرلەرنى يىغىشتا قەپەسكە چىقالمىسا، تەبىئىي شاللىۋېتىلگەن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بۇ مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ.

4.   كەپتەر تاپشۇرۇش ۋاقتى:2026-يىلى 3ـ ئاينىڭ 15ـ كۈنىدىن 6ـ ئاينىڭ 30ـ كۈنىگىچە.

5.   كەپتەر تاپشۇرۇش ئورنى:قۇمۇل شەھەرلىك گېيىڭ تيەنشيا مۇسابىقە كەپتىرى كۇلۇبى ۋە جايلاردىكى ۋاكالىتەن يىغىش نۇقتىلىرى.

6.   مەزكۇر شەھەردىكى كەپتەر باققۇچىلار تېلېفون ئارقىلىق ئىشىك ئالدىغا بېرىپ كەپتەر تاپشۇرسا بولىدۇ، باشقا جايلاردىكى كەپتەر باققۇچىلار قۇمۇل ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى ياكى قۇمۇل ئايرودۇرۇمىغا توشۇشقا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، توشۇشقا ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن چوقۇم شۇ كۇلۇبنىڭ كەپتەر قوبۇل قىلىش ئالاقىلاشقۇچىسىغا ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

. 7مەيلى قانچىلىك كەپتەر تاپشۇرسۇن،چۇقۇم بىر كەپتەرنىڭ 880يۈئەن ئالدىن زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرىدۇ،2026- يىلى7-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن بۇرۇن ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان، ئوخشاش بىر نامىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق كەپتەرلەرنىڭ 401-500 غىچە بولغان رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشىش، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ھەقسىز قاتنىشىش سالاھىيىتى بولىدۇ، ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرمىغان بولسا، بۇ مۇكاپات تۈرى تەرتىپ بويىچە كەينىگە سۈرۈلىدۇ، ئەگەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قايتىپ كەلگەن كەپتەر سانى500 گە يەتمىسە، قالغان رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن مۇسابىقە كەپتەرلىرىگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ.  401-500 نىڭ ئىچىدىكىلەر كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتناشمايدۇ.

. 8 مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار چوقۇم ھەقىقىي ئىسىم بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىشى كېرەك، ئالدىن تىزىملاتماقچى بولغان ئەزالار كۇلۇب مالىيەسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئالدىن تىزىملىتىشى ھەمدە ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇشى كېرەك، ئالدىن تىزىملىتىش پۇل تاپشۇرۇش بىلەن ئۆلچەم قىلىنىدۇ!  ئالدىن تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرى ۋاقتىدا تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ .ئالدىن بەلگىلەنگەن كەپتەر سانى كەپتەر قوبۇل قىلىش سانىنىڭ يۇقىرى چېكىگە يەتكەندە، پەقەت ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان ئەزالارنىڭ مۇسابىقە كەپتىرى قوبۇل قىلىنىدۇ.

.9كۇلۇب مەسئۇلى ۋە كەپتەر قوبۇل قىلغۇچىلار

كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى: تۆمۈرگاڭ ۋاھىت ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى:13199719401  (ئۈندىدار بىردەك)

مالىيە مەسئۇلى: ئەكبەر ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى19090175739: : (ئۈندىدار بىردەك)

كەپتەر قوبۇل قىلىش ئالاقىلاشقۇچىسى:قادىر ۋايىت ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى18299330826 : (ئۈندىدار بىردەك)، 18809027775

10.مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر ھەۋەسكارلىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى بىۋاسىتە كۇلۇبنىڭ ھېساباتىغا يوللىسا بولىدۇ، پۇل پېرېۋوت قىلغاندىن كېيىن، پۇل پېرېۋوت دوكۇمېنتىغا مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر ئىگىسىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، كەپتەر سانى، ھالقا نومۇرى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرىنى ئىزاھلاپ كۇلۇبقا فاكس قىلىپ يوللاپ بېرىڭ، تەكشۈرۈشكە قولايلىق بولىدۇ.

جۇڭگو سودا ـ سانائەت بانكىسى، بانكا ھېساب ئاچقۇچىنىڭ ئىسمى:قادىر ۋاھىتنىڭ ھېسابات نومۇرى6222033011000810467:

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، بانكا ھېساب ئاچقۇچىنىڭ ئىسمى:قادىر ۋايىت ھېساب ئاچقۇچىنىڭ نومۇرى6230523680004094078:

 

ئۈچىنچى، مۇسابىقە تۈرى

 

تۈرى

ۋاقتى

ئورنى

بىرىنچى ئۆتكەل(200كىلومېتېر)

2026-يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرى

يامانسۇ كۇمۇر كىنى ئەتراپى(قومۇل تەۋەسىدە)

ئىككىنچى ئۆتكەل(300كىلومېتېر)

2026-يىلى10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى

گەنسۇ دوڭخۇاڭ تەۋەلىگى

ئۈچىنچى ئۆتكەل(500كىلومېتېر)

2026-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرى

يۇمىن (گەنسۇ تەۋەسىدە)

1.كوللېكتىپ مۇسابىقە:كىچىك كوللېكتىپ، چوڭ كوللېكتىپ

(1) مۇسابىقىگە قاتناشقان ئوخشاش بىر كەپتەر ئىگىسىنىڭ نامىدا تاپشۇرۇلغان كەپتەر بەش (بەش كەپتەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )كوللېكتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، بەش كەپتەرنىڭ ھەسسىلىك سانىدىن ئېشىپ كەتسە، يەنە بىر گۇرۇپپا ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە سۈرۈپ ھېسابلىنىدۇ.

(2) مۇسابىقىگە قاتناشقان ئوخشاش بىر كەپتەر ئىگىسىنىڭ نامىدا تاپشۇرۇلغان كەپتەر 10 (10كەپتەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) چوڭ كوللېكتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ،10 كەپتەرنىڭ ھەسسىلىك سانىدىن ئېشىپ كەتكەن كەپتەرلەر ئايرىم بىر گۇرۇپپا ھېسابلىنىدۇ، مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە سۈرۈپ ھېسابلىنىدۇ. چوڭ كوللېكتىپتىكىلەر بىرلا ۋاقىتتا كىچىك كوللېكتىپ مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ. چوڭ كوللېكتىپ سالاھىيىتىدىكى كەپتەر ھەۋەسكارلىرى كىچىك كوللېكتىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەندە، چوقۇم كىچىك كوللېكتىپ مۇسابىقە قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، ھەر بەش كەپتەرنى بىر گۇرۇپپىغا ئايرىش كېرەك ( چوڭ - كىچىك كوللېكتىپ مۇسابىقىدە لاپاسقا كەپتەر تاپشۇرغان ئەزالارنىڭ نامى ئۆلچەم قىلىنىدۇ)

( 3 ) 100كىلومېتىرلىق مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەتتە كۈن ئىچىدە ئوخشاش بىر نامدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەر ئىگىسى كوللېكتىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەر پۇتىنىڭ ھالقا نومۇرىنى بېكىتىدۇ ھەمدە ئۈندىدار ئارقىلىق مەزكۇر كۇلۇبقا يوللاپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ( تېلېفون ئارقىلىق گۇرۇپپىلاش نومۇرى قوبۇل قىلىنمايدۇ ). ئەگەر گۇرۇپپىغا ئايرىش مۇددىتى ئىچىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەر ئىگىسى گۇرۇپپىغا ئايرىلمىسا، كۇلۇب 100 كىلومېتىرلىق مەشىقتە قايتقانلارنى سېكانىرلاپ، كومپيۇتېردا ئاپتوماتىك رەتكە تىزىدۇ.

( 4 ) چوڭ - كىچىك كوللېكتىپ رەت تەرتىپى ( ئىككىدىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەرتىپىتىكى كەپتەرلەرنىڭ سالاھىيىتى بولىدۇ ) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 500  نەپەر ئىچكى كەپتەر سانى كۆپ بولغانلار غەلىبە قىلغان بولىدۇ، ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر سانى ئوخشاش بولسا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەرتىپى بويىچە ئالدىدىكىسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

1.   كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى:قوش ئۆتكەل كەپتەر شاھى، ئۈچ ئۆتكەل كەپتەر شاھى

1. قوش ئۆتكەل كەپتەر شاھى:ئىككىنچى ئۆتكەل 300 كىلومېتېرلىق ئۈچىنچى ئۆتكەل 500 كىلومېتېرلىق مۇسابىقىدە ئوخشاش بىر مۇسابىقە كەپتىرى، قوش ئۆتكەل تەرتىپىدە ئالدىدا بولغىنى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، رەت تەرتىپىنىڭ يىغىندىسى ئوخشاش بولسا،500  كىلومېتېرلىق تەرتىپى ئالدىدا بولغانلار ئالدىدا تۇرىدۇ.

2. ئۈچ ئۆتكەل كەپتەر شاھى:بىرىنچى ئۆتكەل 200، ئىككىنچى ئۆتكەل 300، ئۈچىنچى ئۆتكەل 500 كىلومېتېرلىق مۇسابىقىدە ئوخشاش بىر كەپتەرنىڭ ئۈچ ئۆتكەلدىكى رەت تەرتىپى ئالدىدا بولغىنى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، رەت تەرتىپىنىڭ يىغىندىسى ئوخشاش بولسا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەت تەرتىپى ئالدىنقىسىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

3.ھەر ئۆتكەلدىكى ماشىنا ماھىرلىرى مۇسابىقىسى، قائىدىدىن باشقا ئايرىم ئۇقتۇرىلىدۇ.

تۆتىنچى، قوبۇل قىلىش رەت تەرتىپى ۋە مۇكاپاتلاش چارىسى

1.بىرىنچى ئۆتكەل(200 كىلومېتىر( ئالدىنقى 100 نەپەر تاللىنىدۇ. (ئالدىنقى 10 نەپەرگە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ )

چىمپىيون

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4-100گىچە

2000يۇەن

1500يۇەن

1000يۇەن

880يۇەن

2.ئىككىنچى ئۆتكەل (300كىلومېتېر) ئالدىنقى 150 نەپەر تاللىنىدۇ. (ئالدىنقى 10  نەپەرگە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ )

چىمپىيون

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4-150 گىچە

2000يۇەن

1500يۇەن

1000يۇەن

880يۇەن

.ئۈچىنچى ئۆتكەل (500كىلومېتېر) ئالدىنقى 500 نەپەر تاللىنىدۇ. ( ئالدىنقى 10 نەپەرگە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ )

چىمپىيون

ئىككىنچى

ئۈچىنچى

4-10گىچە

11-400

401-500

80 مڭ يۇەن 

50مىڭ يۇەن

20مىڭ يۇەن

10مىڭ يۇەن

4000يۇەن

880يۇەن

 

4.كىچىك كوللىكتىپ مۇكاپاتى (ئالدىنقى 10نەپەرگە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ )

كىچىك كوللىكتىپ تۇرىدە 30نەپەر مۇكاپاتلىنىدۇ،     1--30گىچە

3000يۇەن

 

5.چوڭ كوللىكتىپ مۇكاپاتى (ئالدىنقى 10 نەپەرگە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ )

چوڭ كوللىكتىپ تۇرىدە 10نەپەر مۇكاپاتلىنىدۇ،     1--10گىچە

5000يۇەن

 

6.قوش ئۆتكەل، (10-1 گىچە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ)

7.            ئۈچ ئۆتكەل كەپتەر شاھى(10-1 گىچە ھەر بىرىگە 1000يۇەن مۇكاپات، مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ)

ئالتىنچى، كەپتەر مۇسابىقىسى قائىدىسى

1.        بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمىيىتى تارقاتقان «جۇڭگو پوچتا كەپتىرى مۇسابىقە قائىدىسى»گە قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ، بۇ جامائەت لاپىسى «ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارا بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە تۈرلۈك مۇسابىقە خىزمەتلىرىنى كەسكىن، ئەستايىدىل، ئىلمىي ئىشلەيدۇ.

2.        كەپتەر باققۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، ساختىلىق قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى تۈگىتىپ، كۇلۇبنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ كەپتەر باققۇچىلارنى خاتىرجەم، ئاشكارا سەھنىدە بەسلەشتۈرىلىدۇ.

3.        مۇسابىقىدە ئەنجيې سىستېمىسى قوللىنىلىدۇ، تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە مۇسابىقە نازارەت قىلىش جەمئىيىتى ئەۋەتكەن دەرىجىلىك رېپىرلاردىن رېپىرلار گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ، ھەر قايسى مەيدان مۇسابىقىلەردىكى كەپتەر يىغىش، قويۇپ بېرىش، ئۇچۇرۇشنى نازارەت قىلىش ۋە نەتىجىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ.

4.        بىرىنچى ئۆتكەل 200، ئىككىنچى ئۆتكەل 300كىلومېتېرلىق: ئەگەر ئۇۋىغا قايتقان مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ كەپتەر سانى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇكاپات ئالىدىغان كەپتەر سانىدىن كىچىك ياكى ئۇنىڭغا تەڭ بولسا، بارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەرنىڭ مۇكاپات پۇلى نورمال تارقىتىلىدۇ، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان مۇكاپات پۇلى شۇ ئۆتكەلدىكى بارلىق كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ ( مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )؛ ئەگەر ئۇۋىغا قايتقان مۇسابىقە كەپتىرىنىڭ كەپتەر سانى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇكاپات ئالىدىغان كەپتەر سانىدىن چوڭ بولسا، بارلىق دەرىجە مۇكاپات پۇلى نورمال تارقىتىلىدۇ، مۇسابىقە كېيىنكى ئۆتكەلگە كىرىدۇ.

5.        500كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىككىنچى كۈنى سائەت20:00 دە ئاخىرلىشىدۇ .مۇسابىقە رەت تەرتىپى شۇ كۈنى توشمىسا، مۇسابىقە ئىككىنچى كۈنىگە ئۇزارتىلىدۇ، ئەگەر ئىككى كۈندە رەت تەرتىپى توشمىسا، مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ، قالغان بارلىق مۇكاپات پۇلى قەپەستىكى كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ ( مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر بۇنىڭ سىرتىدا).

6.        مۇسابىقە كەپتىرىنى لاپاسقا كىرگۈزۈش بۇ قائىدىنى ئېتىراپ قىلغانلىق دەپ قارىلىدۇ، ئەگەر مۇسابىقە ئىشلىرى ماجىراسى يۈز بەرسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنتەربىيە قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى كېسىم كومىتېتى كېسىم چىقىرىپ، بىر كېسىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

7.        مۇسابىقىدە شىفىرلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇغىلى، يازغىلى بولىدىغان ئۆزەك ئېلېكترون ھالقىسى ئىشلىتىلىدۇ .كەپتەر يىغىشتىن مۇسابىقە مەزگىلىگىچە ئەگەر تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللار ( قۇش زۇكىمى، ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش بۇيرۇقى قاتارلىقلار ) سەۋەبىدىن قويۇپ بېرىش، مۇسابىقىلىشىش ئاخىرلاشسا، كۇلۇب كەپتەر ئىگىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى ئۈچۈن ھەر بىر كەپتەرگە 680 يۈئەن قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ھېچقانداق تۆلەم بەرمەيدۇ.

يەتتىنچى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر، ئۇۋىغا قايتقان كەپتەرنىڭ تەۋەلىك چارىسى

1.مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرنىڭ ئالدىنقى 400 ئى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ. كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش تاپاۋىتىنىڭ %60 تى كەپتەر ئىگىسىگە، %30تى كۇلۇبقا، %10تى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەش خىراجىتىگە ئىشلىتىلىدۇ .كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلمىغان كەپتەر ئىگىسى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش تۆۋەن باھاسىنىڭ %40تى بويىچە ئۆزى ئېلىپ كېتىدۇ.

2. مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن كەپتەرنى كۇلۇب ھەقسىز ئېلىپ كېتىشنى ئۇقتۇرىدۇ، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى10  كۈن ئىچىدە كەپتەر ئىگىسى ئالمىسا، ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىپ، بېجىرگۈچى ئورۇن بىر تەرەپ قىلىدۇ.

3.سىرتتىن كەلگەن كەپتەر ھەۋەسكارلىرىنىڭ كەپتەرلىرىنى بۇ كۇلۇب ئەۋەتىپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ، لېكىن كەپتەر ھەۋەسكارلىرى ۋاقتىدا كۇلۇب بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك (ئەسكەرتىش:توشۇش جەريانىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرسە كۇلۇب ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ)

4. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇۋىغا قايتقان كەپتەرگە كۇلۇب مۇساپە ئۇزارتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ۋە ئۇۋىغا قايتقان بارلىق كەپتەرلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىدۇ، مۇساپە ئۇزارتىش مۇسابىقە قائىدىسى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ.

سەككىزىنچى، باشقا ئىشلار توغرىسىدا ئىزاھات

1.   ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەزكۇر كۇلۇبتىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق كەپتەرلەر ئوخشاش بېقىش ۋە كۆندۈرۈشنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە ۋاقتىدا تور بېكىتى ئارقىلىق بارلىق كەپتەر ھەۋەسكارلىرىغا ئېلان قىلىنىدۇ.

2.   مۇسابىقە كەپتىرى مەشىقى 0 كىلومېتىردىن بىرىنچى ئۆتكەلگىچە بولغان 200 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدىن بۇرۇن 10-13 قېتىمدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

3.   مەزكۇر كۇلۇب خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇسابىقىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قاتنىشىشىغا بىردەك يول قويۇلمايدۇ، بارلىق كېلىشىم كەپتەرلىرى رەت قىلىنىدۇ.

4.   بۈگۈندىن باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ.

توققۇزىنچى، بۇ قائىدىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى قۇمۇل شەھەرلىك تيەنشيا گېيىڭ مۇسابىقە كەپتىرى كۇلۇبىدا بولىدۇ.

 


 

 发布时间:2026-2-6 16:37:47 刷新时间:2026-2-6 16:37:47 打印此页关闭窗口
 提示:如果此页面是训放清单,要想快速查询鸽环号,请按Ctrl+F然后输入您要查找的环号进行查找!
 近期信息:
  • 新疆哈密鸽影天下赛鸽俱乐部2026年规程(草案))维语版 (2026-2-6 16:30:43)
  • 哈密鸽影天下赛鸽俱乐部 2026年秋季三关赛章程(草稿) (2026-1-29 19:52:53)
  • 哈密鸽影天下赛鸽俱乐部 2026年秋季三关赛章程(草稿) (2026-1-29 19:48:04)
  • 哈密鸽影天下赛鸽俱乐部 2026年秋季三关赛章程(草稿) (2026-1-29 19:42:28)
  • 新疆哈密鸽影天下赛鸽俱乐部招聘教练员 (2025-12-16 16:24:34)
  • 新疆哈密鸽影天下赛鸽俱乐部 剩余奖金均分公告 (2025-11-24 14:40:16)
  • 哈密鸽影天下赛鸽俱乐部技能赛退费通知 (2025-11-22 15:19:41)
  • 哈密鸽影天下俱乐部300公里预赛获奖名单公布(公示三日无异议生效) (2025-11-22 15:09:11)
  • 哈密鸽影天下俱乐部300公里预赛技能赛获奖名单公布(公示三日无异议生效) (2025-11-22 14:19:09)
  • 新疆哈密鸽影天下赛鸽俱乐部300公里预赛 (2025-11-21 10:59:38)

  • 手机中信网

     相关评论: 我要评论


    回页顶
    以上信息由公棚平台内企业自行发布提供,该企业负责信息内容的真实性、准确性和合法性,如有疑问请电话联系对应公棚咨询

    首页推广方式客服中心加盟中心合作平台意见建议网站导航APP下载

    Copyright © 2000-2026 www.ChinaXinge.com All Rights Reserved
    中国.深圳 电话: 0755-28156678、28156809 传真: 0755-28156678
    我要投稿 建议反馈及投诉
    《中华人民共和国增值电信业务经营许可证》ICP证编号:粤B2-20040374
    粤公网安备 44030902002110号