شىنجاڭ كورلا تېڭ فېي ئاممىۋى كەپتەرخانىسىنىڭ 2019-يىل ئەتىياز پەسىللىك 2-نۆۋەتلىك
مۇسابىقە قائىدىسى
شىنجاڭ
كورلا تېڭ فېي ئاممىۋى كەپتەرخانىسى بارلىق كەپتەر ھەۋەسكارلىرنىڭ بىزنى يېقىندىن
قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن 120 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىدە تەلەي مۇكاپاتى ۋە ھەقسىز ماشىنا مۇكاپاتى تەسىس قىلىدۇق
. بۇ مۇسابىقىدە ئالدىنقى 30دانە كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ . 120
كىلومىتىرلىق مۇسابىقىدە 8-58-88-188-268-288-368-388-518-588-658-666-688-768-788-868-888-900-958-988-1000-1088-1188-1288-1388-1588-1688-1888-1988-2018- دەرىجىگە ئېرىشكەن ھەر بىر
كەپتەر 2000يۈۋەن نەق پۇل بېلەن مۇكاپاتلىنىدۇ .
ھەقسىز
ماشنا مۇكاپاتىغا ئېرىش ئۇسۇلى :120 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىدە ، مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن
كۈنى جۇڭگۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ 3D ئۇيۇننىڭ
مۇكاپات ئېچىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بىكىتىلىدۇ . (مەسىلەن شۇ كۇنى جوڭگۇ پاراۋانلىق
لاتارىيەسىنىڭ 3Dئۇيۇندا 032 نۇمۇر چىققان
بولسا ، بۇ مۇسابىقىدە 32-دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەر ئېگىسى بىر دانە 39800يۈۋەن
قىممىتىدىكى شىمالى قۇتۇپ يۇلتۇزى ماركىلق ماشىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ ). بۇ مۇكاپاتقا
ئېرىشىش ئۈچۈن چۇقۇم 1600 يۈۋەن زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان كەپتەر ئېگىللىرىنىڭ
قاتنىشىش ھۇقۇقى بولىدۇ ،1600 يۈۋەن تاپشۇرسىڭىز سىزنىڭ نامىڭىزدىكى بارلىق كەپتەرلەر
مۇشۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقى بولىدۇ .ئەگەر زاكالەت پۇلى تاپشۇرمىغان كەپتەر بۇ
دەرىجىگە ئېرىشىپ قالسا نەتىنجە كەينىگە سۈرۈلۈپ زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان كەپتەر ئېگىسى
مۇكاپاتلىنىدۇ . بۇ تاپشۇرغان زاكالەت پۇلىڭىز 60 كىلومىتىرلىق مەشىقتىن كىيىن ، كەپتەرنى
تۇتۇپ كۆرگەندىن كىيىن بىر كەپتەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىگە ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر
زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇپ كەپتىرىڭىز قالمىغان بولسا زاكالەت پۇلى قايتۇرلۇپ بىرىلىدۇ
. زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇش ۋاقتى مۇسابىقە قائىدىسى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ
2018-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ . ھەم دەل ۋاقتىدا توردا ئېلان قىلىنىدۇ .
60كىلومىتىرلىق
پۇل يىغىش ئۆتكىلىدە ، كەپتەر يىغىش ، تۇشۇش ۋە قۇيۇپ بىرىشكە كورلا شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيىتى بىۋاستە نازارەتچىلىك
قىلىدۇ . كەپتەر قايتىپ كەلگەندىن كىيىن كەپتەر ئېگىللىرىنى ئۆز كەپتىرىنى كۈرۈشكە
ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ .
1.مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى
(1)بۇ مۇسابىقە قائىدىسىنى ئېتىراپ
قىلىدىغان دۆلەت
ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ.
(2)كەپتەرلەر چوقۇم 25كۈنلۈكتىن
60 كۈنلۈككىچە بولغان ساغلام باچكىلار بولۇشى، پۇتىغا دۆلەتلىك ياكى رايونلۇق
پوچتا كەپتىرى جەمئىيتى ئېتىراپ قىلىدىغان 2018-يىلنىڭ ھالقسى ئېسىلغان بولۇشى كېرەك.
(3)كەپتەرخانىمىز
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرگە بىر تۇتاش ۋاكسىنا ئەملەيدۇ. ئەگەر ئاللىبۇرۇن
ئەملىنىپ بولغان بولسا، كەپتەرنى ئەكەلگەندە ئەسكەرتىشى كېرەك.
(4)ھەۋەسكارلار
كەپتىرىنى كەپتەرخانىمىزغا تاپشۇرغاندا كەپتەرخانا بىلەن توختام تۈزۈلدى دەپ
قارىلىدۇ، توختام تۈزۈلگەندىن كېيىن
ئىككىلا تەرەپ توختامنامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
2. مۇسابىقە
قائىدىسى
(1) بۇ نۆۋەتلىك
مۇسابىقە جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيتى تۈزۈپ تارقاتقان« پوچتا كەپتىرى مۇسابىقە
قائىدىسى ۋە رېپىرلىق قانۇنى»، «جۇڭگو پوچتا كەپتىرى ئاممىۋى كەپتەرخانا مۇسابىقىلىرىنى
باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ۋە «جۇڭگو پوچتا كەپتىرى مۇسابىقە قائىدىسى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك
بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ.
(2) بۇ
نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە كورلا شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيتى ھەر قېتىملىق مۇسابىقە
ئۈچۈن رېپىر ئەۋەتىدۇ. كەپتەرخانا كەپتەرچىلەر ئىچىدىن ۋەكىل تاللاپ چىقىپ مۇسابىقىگە
نازارەتچىلىك قىلدۇرىدۇ. بۇ ۋەكىللەر رېپىرلار بىلەن
بىرلىكتە كەپتەرلەرنى مۇسابىقە مەيدانىغا يىغىش، قويۇپ بېرىش، مۇسابىقە نەتىجىسىنى
باھالاپ بېكىتىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر مۇسابىقە جەريانىدا
بىرەر ھادىسە كۆرۈلسە، ۋەكىللەر بىلەن رېپىرلار جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيتىنىڭ مۇسابىقە
بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئورتاق قارار چىقىرىدۇ. كەپتەرچىلەر مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى
توردىن كۆرۈپ تۇرسا بولىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە ئىلىكتىرونلۇق پەللە ئارقىلق كەپتەرنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتىگە
ئاساسەن نەتىنجە ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان ئىشلار كۈرۈلسە
جوڭگۇ پۇچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن ، رېپپىرلا گۇرۇپپىسى
قارار چىقىرىدۇ ، كورلا شەھەرلىك كەپتەر جەمئىيتنىڭ نازارەت قىلىش تېلفۇن نۇمۇرى :13779645678
(3)500
كىلومىتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان چاپلاق ئىشلىتىلدۇ ، كەپتەر
قايتىپ كەلگەندىن كىيىن چاپلاق بۇزۇلغان بولسا بۇ كەپتەرنىڭ نەتىنجىسى بېكار
قىلىنىدۇ .
(4)
ھەر قايسى ئۆتكەل مۇسابىقە ئارلىقىدا كەپتەرلەر
ئائىلە مەشىقى ۋە قىسقا ئارلىق مەشىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ ئەگەر كەپتەر يوقاپ كەتكەن
بولسا ئاممىۋى كەپتەرخانا ھېچقانداق مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ .
3.مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇسۇلى:
(1) ھەر بىر كەپتەرگە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى ئۈچۈن 1400يۈەن،
بېقىش ھەققى ئۈچۈن 200يۈەن، جەمئىي 1600يۈەن تاپشۇرىدۇ.60
كىلومىتىرىلىق پۇل يىغىش بېكىتىدىن كىيىن
كەپتەرلەنى كۈرۈشكەن ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ . 7 كۈن ئىچىدە كەپتەر ئېگىسنىڭ نامىدىكى بارلىق كەپتەرلەرنىڭ
مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى تاپشۇرۇپ بۇلۇشى كېرەك . ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت
ئىچىدە تاپشۇرمىغانلار ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ ، بۇ كەپتەرلەر مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ
.
(2)ئەگەر پۇل تاپشۇرغان كەپتەرلەر 120 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىگە قەپەزگە چىقمىغان
بولسا ، 120 كىلومىتر مۇسابىقە ئاياقلىشىپ ئۈچ كۈن ئىچىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى
قايتۇرۇپ بىرلىدۇ .
(3)
كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقسى . بىر نامدا تاپشۇرغان
كەپتەرلەر 6 گە يەتسە كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ. 6 دىن ئاشقاندا يەنە بىر
ئايرىم گۇرۇپپا قىلىنىدۇ ھەمدە گۇرۇپپىغا كەپتەر ئىگىسىنىڭ ئىسمى بىلەن « A ، B، C....» دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ. ھەل قىلغۇچ
مۇسابىقە (500كىلومېتىرلىق) دەمۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلىرى كۆپ بولغان(ئاز
بولغاندىمۇ ئىككى كەپتەر مۇكاپاتلىنىشى كىرەك) كەپتەرچى ئۇتقان بولىدۇ. ئەگەر مۇكاپاتقا
ئېرىشكەن كەپتەرلەر سانى تەڭ بولۇپ قالسا، 500كىلومىتىرىلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە
كىمنىڭ كەپتىرى ئالدىدا كەلگەن بولسا شۇ ئۇتقان بولىدۇ. 120 كىلومىتىرىلىق مۇسابىقە
ئاياقلاشقاندىن كىيىن كەپتەرلەرنى گۇرۇپپىغا ئايرىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ ، كەپتەر ئېگىسى
فاكىس ۋە رەڭلىك ئۇچۇر ئارقىلىق ئاممىۋى كەپتەرخانىغا گۇرۇپپىغا بۇلۇش ئەھۋالىنى مەلۇم
قىلىش كېرەك . ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىېچىدە گۇرۇپىغا ئايرىمسىڭىز كومپىيۇتېر
ئارقىلىق گۇرۇپپىغا ئايرىش ئېلىپ بېرىلىدۇ . قەتئى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ . دەل ۋاقتىدا
تورغا يوللىندۇ .
(4)چوڭ كوللىكتىپ
مۇسابقە. بىر
نامدا تاپشۇرغان كەپتەرلەر 25كە يەتسە كوللىكتىپ چوڭ كوللىكىتىپ مۇسابىقىگە
قاتناشسا بولىدۇ. 25 دىن ئاشقاندا يەنەئايرىم گۇرۇپپا قىلىنىدۇ ھەمدە گۇرۇپپىغا كەپتەر
ئىگىسىنىڭ ئىسمى بىلەن « A ، B ، C....»
دەپ ئىسىم قويۇلىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە(500كىلومېتىرلىق) مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلىرى
كۆپ بولغان كەپتەرچى ئۇتقان بولىدۇ. ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر سانى تەڭ
بولۇپ قالسا،500كىلومىتىرىلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كىمنىڭ كەپتىرى ئالدىدا كەلگەن
بولسا شۇ ئۇتقان بولىدۇ. 120 كىلومىتىرىلىق مۇسابىقە ئاياقلاشقاندىن كىيىن كەپتەرلەرنى
گۇرۇپپىغا ئايرىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ ، كەپتەر ئېگىسى فاكىس ۋە رەڭلىك ئۇچۇر
ئارقىلىق ئاممىۋى كەپتەرخانىغا گۇرۇپپىغا بۇلۇش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش كېرەك . ئەگەر
بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىېچىدە گۇرۇپىغا ئايرىمسىڭىز كومپىيۇتېر ئارقىلىق گۇرۇپپىغا
ئايرىش ئېلىپ بېرىلىدۇ . قەتئى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ . دەل ۋاقتىدا تورغا يوللىندۇ
.
(5) كەپتەر
شاھى مۇسابىقىسى : ئوخشاش بىر كەپتەرنىڭ 300كىلومىتىر ۋە500 كىلومىتىر مۇسابىقىدىكى
سۈرئىتىنىڭ يىغىندىسى قۇشۇپ ھىساپلىنىپ يۇقىرى بولسا، ئۇتقان بولىدۇ. ئەگەر سۈرئىتى
تەڭ بولۇپ قالسا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئالدىغا تىزىلغىنى ئۇتقان بولىدۇ.
4.مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى
(1)200كىلومىتىر
بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى
200كىلومىتىر بەدەن قىزىتىش مۇسابقىسدە ئالدىنقى 50 دانە كەپتەر مۇكاپاتلىنىدۇ
|
ھەر قايسى 1000 يۈۋەن
|
1-50
|
(2)300 كىلومىتىر تەييارلىق
مۇسابىقە
4-100
|
ئۈچۈنچى
|
ئىككىنىچى
|
چىمپىيۇن
|
1500
|
4000
|
6000
|
10000
|
(3)500 كىلومىتىر ھەل قىلغۇچ
مۇسابىقە
11-500
|
4-10
|
ئۈچۈنچى
|
ئىككىنچى
|
چىمپىيۇن
|
10000
|
20000
|
40000
|
70000
|
120000
|
(4)كىچك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى
(6 دانە كەپتەر تاپشۇرغانلار قاتنىشىدۇ ،500 كىلومىتىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە
بارلىققا كېلىدۇ .)
11-30
|
4-10
|
ئۈچۈنچى
|
ئىككىنچى
|
چىمپىيۇن
|
5000
|
10000
|
20000
|
30000
|
40000
|
(5) چوڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى (25دانە كەپتەر قاتناشتۇرغانلار
قاتنىشىدۇ ، 500 كىلومىتىرلىق مۇسابىقىدە بارلىققا كېلىدۇ )
(6)كەپتەر شاھى (300كىلومىتىر 500كىلومىتىر مۇسابىقىدە
بارلىققا كېلىدۇ )
4-10
|
ئۈچۈنچى
|
ئىككىنىچى
|
چىمپىيۇن
|
5000
|
10000
|
20000
|
30000
|
5. مۇسابىقە چۈشەندۇرلىشى :
(1)بۇ
نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 120 كىلومىتىر سۈرئەت مۇسابىقىسى ، 200 كىلومىتىر بەدەن
قىزىتىش مۇسابىقىسى ، 300 كىلومىتىر تەييارلىق مۇسابىقە ، 500 كىلومىتر ھەل قىلغۇچ
مۇسابىقە ، كىچك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ، چوڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ، كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى
تەسس قىلىنىدۇ .
(2)200
كىلومىتىر بەدەن قىزىتش مۇسابىقە: بۈگۈر جەنۇبى ، قۇيۇپ بىرىش
ۋاقتى 2019-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا .
(3)300كىلومىتىر
تەييارلىق مۇسابىقە : ئاقسۇ ۋىلايتى شايار
ناھيىسى ، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى
(4)500
كىلومىتىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە: ئاقسۇ ۋىلايتى ئالار شەھرىنىڭ غەربى 85
كىلومىترلىق كەپتەر قۇيۇپ بىرىش نوقتىسى .2019-يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرى . يۇقارىقى ۋاقىتتا
ھاۋارايى پەۋقۇللادە ناچار بۇلۇپ كەپتەر قۇيۇپ بىرىشكە مۇمكىن بولمىسا مۇسابىقە كەينىگە
سۈرۈلدۇ .
(5)500
كىلومىتىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى كەپتەر قۇيۇپ بەرگەن كۈننىڭ ئەتىسى
سائەت 22:00 گىچە ، ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە دەرىجە توشمىسا مۇكاپات
سوممىسى قەپەزگە قاچىلانغان كەپتەرلەرگە تەڭدىم تەقسىم قىلىنىدۇ . مۇكاپاتقا ئېرىشكەن
كەپتەرلەردىن باشقىغا .
5.مۇكاپاتقا
ئېرىشكەن كەپتەر ۋە كەپتەرخانىغا قايتقان كەپتەرلەرنىڭ تەۋەلىكىنى بېكىتىش چارىسى
(1)بۇ
نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئاياقلاشقاندىن كىيىن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ
، كىم ئارتۇقتا سېتىلغان كەپتەر پۇلنىڭ %60 كەپتەر ئېگىسگە ،%30 ئاممىۋى كەپتەرخانىغا
، %10 كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش خىراجىتى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ . كىم ئارتۇق سودىسىدا سېتىلمىغان
كەپتەرلەرنى ئىگىسى كېلىپ باشلىنىش باھاسىنىڭ﹪40 نى تۆلەپ ئېلىپ كەتسە بولىدۇ.
(2)
مۇكاپات پۇل ۋە كىم ئارتۇق سودىسىدىن تاپقان پۇلنىڭ بېجىنى كەپتەر ئىگىسى تۆلەيدۇ.
(3)مۇسابىقدە
كىچىكىپ كەلگەن كەپتەرلەرنى كەپتەر ئېگىسى ھەقسىز ئېلىپ كەتسە بولىدۇ .
(4)تاپشۇرغان
كەپتەرلەر يوقاپ كەتسە ، ئۈلۈپ كەتسە دەل ۋاقتىدا كەپتەر ئېگىسىگە خەۋەر قىلىپ تۇلۇقلاپ
تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇردۇ ، 120 كىلومىتىر مۇسابىقىدىن كىيىن يۈتكەن ، ئۆلگەن كەپتەرلەر
شاللانغان دەپ قارىلىدۇ ، ئاممىۋى كەپتەرخانا ھىچقانداق مەسئۇليەتنى ئۈستىگە
ئالمايدۇ .
6. كەپتەر
تاپشۇرۇش ۋاقتى ۋە ئورنى
(1)كەپتەر
يىغىش ۋاقتى : 2018-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2018-يىل 10-ئاينىڭ 31 –كۈنىگىچە ، ھېيىت
بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ نۇرمال كەپتەر يىغىمىز .
(2)كەپتەر يىغىش ئورنى :
كورلا شەھرى سايدۆڭ باغۋەنچلىك مەيدانى ، ۋە ھەر قايسى ۋىلايەت ، شەھەرلەردىكى ۋاكالىتەن
كەپتەر يىغىش ئورنى
(3)ئاممىۋى
كەپتەرخانا تېلفۇن نۇمۇرى : 0996-2013666،فاكىس 0996-2013666
تېلفۇن
نۇمۇرى :13899071017 13667537888،17399107666،13999029527
ئالاقىلاشقۇچى
: جا شىن فېڭ ، تېلفۇن نۇمۇرى 19909963558
(4)ئاممىۋى
كەپتەرخانىمىزنىڭ تور ئادىرسى : http://tfgjgp.chinaxinge.com/، ئۇندىدار
نۇمۇرى : xjtfgp
(5)كورلا
تەۋەسىدىكى كەپتەرچىلەر تېلفۇن قىلسا كەپتەرلەرنى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ يىغۋالىمىز
، ھەۋەسكار دوستىلار كەپتەرنى ئۆزى كورلا
شەھرى كۆنچى دەريا بۇيىدىكى چىن خوجايىننىڭ كەپتەر دان ۋە دورا دۇكىنغا ئەكىلىپ بەرسە
ياكى ئاممىۋى كەپتەرخانىغا ئەكىلىپ بەرسە (سوۋغات بۇيۇم
سوۋغا قىلىندۇ )باشقا ۋىلايەت شەھەرلەردىكى
كەپتەرچىلەر بىۋاستە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكىتى ، پويىز ۋە ئايرۇپىلان بېلەن
كورلا شەھرىگە سېلۋەتسە بولىدۇ ، ھەمدە دەل ۋاقتىدا ئاممىۋى كەپتەرخانىغا ئوقتۇرۇپ
قۇيۇش كېرەك . ياكى ھەر قايسى ۋىلايەت شەھەر، ناھيىلەردىكى كەپتەر يىغىش نوقتىلىرى
بېلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ .
بۇ مۇسابىقە قائىدىسىنى چۈشەندۇرۇش ھوقۇقى شىنجاڭ
كورلا تېڭ فېي ئاممىۋى كەپتەرخانىسىغا تەۋە . تەرجىمە قىلىش جەريانىدا خاتالىق بۇپ قالغان
بولسا ، خەنزۇچە مۇسابىقە قائىدىسى ئاساس قىلىندۇ . |